ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى بارلىققا كەلدى



2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇگىل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان OHA(Open Handset Alliance) گە نوكىيا دىن باشقا دۇنيادىكى ئالاقە ۋاستىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ قاتناشتى، ھەم تەتقىقات تۈرىگە ئورتاق كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇشمىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا بىر مۇنەۋۋەر يېڭى ئەۋلات يانغۇن سىستېمىسى (ئانجروئىد )Android دۇنياغا كەلدى. ھەم ئەسلى كودى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلىپ ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ ئۇچۇق كودلۇق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىدارى، ئىشلەتكۈچىلەرگە بېرىدىغان ئەركىن-ئازادىلىك، مەشغۇلاتتىكى قۇلايلىق تۇيغۇسى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور كۆلەمدە تارقالدى. قوللىنىش دائىرىسىمۇ نۆۋەتتە نۇقۇل ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن بىلەنلا قالماي تابلىت كومپيۇتېرلار، ماشىنا ئادەم، سانائەت كونتروللاش، داۋالاش ئۈسكىنىللىرى،... قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ سىڭىپ كىردى.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى: گۇگىلنىڭ قۇلىدىن چىققان بۇ مۇنەۋۋەر سىستېمىمۇ ھازىرغىچە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرقانداق يېزىققا نىسبەتەن تەلتۈكۈس قوللاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرمىدى. شۇ قاتاردا Android نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق قوللىشىمۇ يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى.
ئۇيۇشمىنىڭ تەتقىقات يۈنىلىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كەلگەن Uyghurdev يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تەجرىبىخانىسى AOSP(Android Open Source Project) دىن ئىرىشكەن كود ۋە ھەر قايسى نەشىر پەرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كۆپ ئىزدىنىش، نۇرغۇن سىناق ۋە تەجرىبىلەر قىلىش ئارقىلىقAndroid نىڭ 2.xx نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە تولۇق قوللاش خىزمىتىنى نەتىجىلىك تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى.
بۇ جەرياندا ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر تۈۋەندىكىچە :
1. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنى سىستېمىنىڭ يادرولۇق قوللىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقانداق ئورۇندا نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
2. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يۈنۈلۈش توغرىلاش ۋە ئارىلاش يېزىقلاردىكى يۈنۈلۈش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
3. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا ئىشلەنگەن تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
4. سىستېمىدا تەمىنلەنگەن يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئاساسىدا كوپ خىل يېزىقلىق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىنىپ، سىستېمىنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا خەت كىرگۈزۈش ھەل قىلىندى.
5. Android تىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياساپ چىقىلدى.
6. كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم قوللانما پروگرامما ئىشلەندى ھەم ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
7. كۆپرەك ئىشلىتىلگەن دەپ قارالغان HTC نىڭ بىر قانچە يانفۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان، ئۇيغۇرچە قوللاش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قۇشۇلغان ROM ياسىلىپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ ھەم پات ئارىدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
تۈۋەندىكى ئۇيغۇرچە ROM يېزىلغان Google Nexus one يانفۇندىن كۈرۈنۈشلەر:

سىستېما قوزغىلىش ئىكرانى


باش ئىكران


قوللانما پروگراممىلار قاتارى


پروگراممىلاردىن كۈرۈنۈش














سىستېما تەڭشەگ كۈرۈنۈشلىرى








باشقا سىستېما ئۇچۇرلىرى كۈرۈنۈشلىرى






ھۆججەت، مۇندەرىجە كۈرۈنۈشلىرى



تېكست ئۇقۇش كۈرۈنۈشلىرى
Coolreaderبىلەن ئۇقۇلغان ئۇيغۇرچە تېكست

Htmlviewer بىلەن ئۇقۇلغان ئۇيغۇرچە تېكست


تور كۆرگۈ دىن كۈرۈنۈشلەر

















كەلگۈسى خىزمەتلەر:

1.سىستېمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقنىيادرولۇق قوللاشتىكى ئۇششاق مەسىللەرنى داۋاملىق تۈزىتىش، ئەلالاشتۇرۇش.
2. تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن كۆپ ئىشلىتىلگەن ئانجروئىد يانفۇنلار ۋە تابلىت كومپيۇتېرلارنى ئاساس قىلىپ، سىستېمىنى ماسلاشتۇرۇپيۆتكەپ چىقىش(Porting)، ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ROM ياساش، تارقىتىش، يېڭىلاش، ئاسراش.
3. ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان ئانجروئىد سىستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى پىكىر-تەكلىپ، تەلەپلەرگە ئاساسەن سىستېما ئۇچۇرلىرىنىڭ مەنە ئەينەنلىكىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى تىل بۇلىقى ياساپ چىقىش. شۇنداقلا گۇگىل تەرەپ بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇريېزىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش قائىدىسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە تىل بۇلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىگە تەرەپ قوللىشىنى (official support) ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
4. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Android يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتى توغرىسدا خەتلىك، سىنلىق ئۈگۈتىش ماتېرىياللىرى، ھەقسىز لىكسىيە، ۋە ھەقلىق قاراتما تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئەۋلات، ئانجروئىدنى ئاساس قىلغان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى كەسپىي پروگراممىرلىرى ۋە سىستېما ئىنژىنىرلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقىش شۇنداقلا Android نى مەركەز قىلغان، ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا يۈزلەنگەن مۇنتىزىم كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمىتى مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا كەسپىي تۈرلەر ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىش.
5.تورداشلارنىڭ ئىجادىي پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا مۇناسىپ يېڭى تەتقىقات يۈنىلىشى ۋە تۈرى بىكىتىش.

بۇ توغرىسىدىكى يېڭىلىقلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ، تورداشلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار، زۈرۈرىي مەسىللەر ھەم باشقا تەلەپلەر بولسا بىزدىن ئايىماسلىقنى، مۇشۇ تىما ئاستىغا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىنى سۇرايمىز.
تىل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ كوپ قىسمى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تورىدىن سەھران ئەپەندى باشچىلىقىدا تاماملاندى. ھەم بۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىللەرگە سەھران ئەپەندى مەسئۇل بۇلىدۇ. باشقا تېخنىكىلىق مەسىللەر بولسا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر جاۋاپ بەرگۈسى.
ئاخىرىدا: بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ تەكرار خىزمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇندىن كىيىن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سىستېما ئۈستىدىكى ئىجادىيەت خىزمىتىگە قارىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنداقلا ھەمكارلىشىپ، سىستېما ئەۋزەللىكىدىن يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىپ ئىجادىيەت خىزمىتىدە يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىدىيە يارىتىشنى ئىستەيمىز.
ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ستۇدىنتلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى سىز كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىڭىز ئۈچۈنئىككىلەنمەي Android نى تاللاڭ. Android سىزنى ئادەتتىكى شارائىتتىمۇ ئەڭ ئاددىي، قۇلاي ئۇسۇل بىلەن ئىلىم-تېخنىكىنى ئەمەلىي قىممەتكە ئايلاندۇرىدىغان يولغا باشلايدۇ.


سالام بىلەن :

ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تورى تەجرىبىخانىسى


Lab.uyghurdev.net


lab.uyghurdev.net/Uyghuroid

更多相关文章

  1. 代码中设置drawableleft
  2. android 3.0 隐藏 系统标题栏
  3. Android开发中activity切换动画的实现
  4. Android(安卓)学习 笔记_05. 文件下载
  5. Android中直播视频技术探究之—摄像头Camera视频源数据采集解析
  6. 技术博客汇总
  7. android 2.3 wifi (一)
  8. AndRoid Notification的清空和修改
  9. Android中的Chronometer

随机推荐

  1. 从零开始Android
  2. android 的 Gallery 的简单使用
  3. Flutter和Android中的View区别
  4. 那些iOS和Android跨平台解决方案
  5. 【Android自助餐】Handler消息机制完全解
  6. Android(安卓)中的AsyncTask的使用心得
  7. 解决办法Android中Error generating fina
  8. Android(安卓)5.0使用android:onClick属
  9. NDK开发
  10. Android(安卓)按钮点击切换背景,同时修改