ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

بۇ ماقالەبىلىكتورى ئېچىلىشتىن بۇرۇنئۇيغۇركومپيۇتېرئىلمى جەمئىيىتىتوربىكىتىگە يوللانغان ئىدى،بىلىكئېچىلغانلىق سەۋەبىدىن بۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يۆتكەپ كىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماقالىدەتىلغا ئېلىنغان Androidنىڭئۇيغۇرچە يېزىلىشى تېخى بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاندرويىد دەپ ئېلىنىپ تۇرۇلدى،ئىسىمبىكىتىلگەندىن كىيىن ئالماشتۇرۋېتىلىدۇ.
-------------------------------------------------------------------

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى تور بېكىتىدىكى "ئايفونغائۇيغۇرچەكىرگۈزگۈچ قوشساق بولاتتى"،" Windows Mobileئۇيغۇرچەتونۇتساق بولاتتى" دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ ، "ئاندرويىدقائۇيغۇرچەتونۇتساق بولاتتى" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يېزىش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم،لېكىن ئاندرويىدقائۇيغۇرچەتونۇتۇپ بولۇنغانلىقتىن ئۈچۈن ئاندرويىد تېلېفۇندىكىئۇيغۇرچەدەپ يېزىش قارارىغا كەلدىم .


ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

(قۇتبىلىك)




(تۆۋەندە ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفونلار ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئېلىنىدۇ،ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىپ كۆرۈڭ، تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇننى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ).
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىقكودلۇق ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ،بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان "ئاندرويىد تېلېفۇن" گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ،ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن شېركەتلىرىدە ئاندرويىد تېلېفۇن ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى ،(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن).
مەيلى قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنى بولىدىكەن ئۇ گوگېل شىركىتى تەمىنلىگەن كود ئاساسىدا ئۆزگەرتېلگەن بولغاچقا (يادروسى،مەنبەسى بىر بولغاچقا)بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرچە ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
ئاندرويىد تېلېفۇن قولۇمغا چۈشكەن ھامان تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك بىر نەرسىلەر كۆرۈندى،ئىككىنچى بولۇپ تېلېفۇننىڭ تور كەسپىنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك ...
توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم،يەنە ئەڭ ئالى ھوقۇق لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ،كۆرگەن بىلگەنلىرىم بويىچە سىناش ئارقىلىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يانفۇن خەت نۇسخىسىنى تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ،ئاندىن قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆردۈم ،خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا ھەرپلەر بولسىمۇ نورمال كۆرۈندى ،لېكىن ھەرپلەر ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتە ئىدى ،خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا قوشۇپ ئوقۇسا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى ،قانداققىلىشكېرەك ؟ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك .
توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ،ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئۇلاپ يېزىلىدىغان خەت بىلەن سولدىن ئوڭغا ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەرنىڭ سىستېمىدىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم ،ئىنگلىزلار بولامدۇ،خەنزۇلار بولامدۇ ئۇلار پروگرامما تۈزگەندە ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدىكەن ،بىزدەك ئەرەبچە يېزىق تۈرىدىكى ئۇلانما يېزىق ئىشلىتىدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بىرتال كىچىك بوشلۇق ئىكەن ،يەنى ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەر يېزىلغاندا ھەربىر ھەرپتىن كىيىن بىر كىچىك بوشلۇق ئاپتوماتىك قۇيۇلۇپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇ قويۇلىدىغان بوشلۇققا شەرت بېرىپ ئەرەبچە يېزىقلار ئائىلىسىدىكى ھەرپلەر بېسىلغاندا ئاپتوماتىك قويۇلمايدىغان قىلىپ قويسا بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئۇلىنىدىغان بولىدىكەندە ... مۇشۇ خىياللار بىلەن سىستېما ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىردىن بىردىن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،لېكىن ھەممىسى بىرخىل بولاق شەكلىدە ئىدى،بۇ سىستېمىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پرېسلانغان ھۆججەت شەكلى ئىكەنلىكىنى ۋىنرار قاتارلىقدېتاللاردىن پايدىلىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتاتتى ،بارلىق ھۆججەتلەرنى دېگۈدەك يېشىپ كۆردۈم ،كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىدە پاروللانغان XMLھۆججىتى بار بولۇپ بۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئېچىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن ،يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا كۆرەلەيدىغان بولدۇم ،لېكىن بۇ يېتەرلىك بولمىدى،مەن كۆرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى قوللېنىلىشچان دىتاللار قىسمى بولۇپ چىقتى ،يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا باشقا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېزىق شەكلىنى كونترول قىلىدىغان ھۆججەتنى تېپىپ چىقتىم ،ئىچكى قىسمىدىكى ساپ پروگرامما كودى بولۇپ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى،قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نېمىدە ئۆزگەرتىش كېرەك ؟
قىزىقىش بولغان ئىكەن داۋاملىق ئىزدىنىش بولىدۇ ،توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇمۇ ھەل بولدى .(خۇداغا شۈكرى)
ھۆججەتنى يېشىش ،ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ...ئۇنى ئۆزگەرتىش ،ئاندىن قايتا بولاقلاش ،بۇنى يەنە بولاقلاش ...ئاندىن بولاقنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ،سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ...دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن تېلېفۇننى قوزغىتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۆردۈم ،يائاللا ئاخىرى ئۇلىشىپ چىققان ساپ ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
بولدى ،بىرىنجى قىلدىغان ئىش تاماملاندى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،ئىككىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەرلىكلەشتۈرۈش .
دىتالدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆردۈم ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،ئاندرويىد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە دىتال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھۇزۇر بىلىندى.
خوپ بۇمۇ ھەل بولدى ئەمدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە پروگرامما تۈزۈش كېرەك .
پروگرامما تۈزۈش خىيالىمغا كەلگەن ئاشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تاۋباۋتورىغا چىقتىم ،ئاندرويىد تېلېفۇندا پروگرامما تۈزۈشكە دائىر تورداشلار تەۋىسيە قىلغان كىتابتىن ئالتىنى ئۈچ يۈز سومغا سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم ،كىچە-كېچىلەپ كۆرۈش ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا بۇ ئالتە كىتابنى چالا پۇچۇق تۈگەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن پروگرامما تۈزۈشنى باشلىدىم ، تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ خېلى بىرنەرسە بىلىپ قالغاندا تېكىست ئوقۇغۇچنىڭ ئەسلى كودى ئۇچراپ قالدى،بۇ كودنى ئىجرا قىلىپ ھاسىللانغان دىتالنى تېلېفۇنغا قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆرسەم، قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەرگە ئوخشاش بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ھە قارىغاندا تېكىستنىڭ فورمات شەكلىدە مەسىلە باركەندە دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يۇنىكودلۇق فورمات شەكلىنى قاتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئوقۇغۇچ پۈتكەن بولدى .ھازىر پروگرامما تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ،يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش ،ساپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق جەريانلار ئاساسەن تاماملانغان بولدى.
مەن ئەمدى ئېسىل دىتالدىن بىرنى تۈزۈشۈم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە .
ئاۋال بازارنى كۆرۈش ،ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈش كېرەكتە ،شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ،خەنزۇلار تۈزگەن دىتاللانى ،خەنزۇلار خەنزۇچىلاشتۇرغان دىتاللارنى كۆزەتتىم ،قارىسام كېرەكلىك دىتاللارنىڭ ھەممىسى باركەن ،ئۇلارنى يەنە قايتا تۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ،پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولدى دەپ ئويلىدىم، خەقلەر ياسىغان نۇرغۇنلىغان دىتاللار كومپيۇتېردا بار دىتاللانىڭ مۇھىت ئاتلىغان نۇسخىسى ئىكەن .
مەسىلەن : QQ،تېكىست ئوقۇغۇچ،يۇمشاقدىتالچۈشۈرگۈچ ،PDFئوقۇغۇچ،Photoshop,...
تۈزدىغاننى خەقلەر تۈزۈپ بوپتۇ ،مەن نېمە تۈزىمەن ،بىزگە (ئۇيغۇرلارغا) بۇتېلېفۇنغا قاچىلۋالغۇدەك نېمە لازىم ؟ كومپيۇتېردىن يۆتكەيدىغان قانداق دىتاللىرىمىز بار ؟
ئويلاپ –ئويلاپ Windows xp گەيېڭىلا ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈش باشلانغانۋاقىتئىسىمگە كەلدى، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالغان ،ياسالغاندىمۇ بەس-بەستە ياسالغان ئىدى ،كىيىن لۇغەت ياساش مودا بولدى ،ئاندىن ئۆگۈتۈش دىتاللىرى،ئاندىن قالسا مەخسۇس شىركەت،ئاشخانا ئورۇنلار ئۈچۈن باشقۇرۇش سىستېمسى ...دىگەندەك .
شۇنداق تەرەققىيات ئاستا –ئاستا بولىدۇ،كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىمىز خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ،ھازىر قارايدىغان بولساق3Gدەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىللىرى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ،مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاندرويىد تېلېفۇنى بىزنىڭ قانداق دىتاللارنى ئېچىپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز كىرگۈزگۈچ ،لۇغەتتىن(بۇ ئىككى دىتال ياساپ بولۇندى) باشقا يەنە قانداق تېلېفۇن يۇمشاق دىتاللىرىغا موھتاج؟
بۇنى ئەزىز قېرىنداشلارغا قالدۇردۇم.

原地址 : http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=22666

更多相关文章

  1. android几种开源项目源码地址
  2. android sdk 下载地址
  3. android google地图定位开发,且可以自由移动位置重新获取定位,地址
  4. Android SDK和最新ADT下载地址 + 环境搭建
  5. Android2.2 官方下载地址

随机推荐

  1. android中重写onConfigurationChanged方
  2. Android解析网页响应xml格式文件的一种方
  3. android View的background何时加载的
  4. [Android]Delphi/C++ Builder 开发 Andro
  5. Android UI绘制之View重绘
  6. Android(安卓)Studio 调试 AnnotationPro
  7. android开机启动时间优化:系统初步评估
  8. android开发之PreferenceScreen使用详解
  9. 在Android下创建文件夹
  10. Android Jetpack架构组件之Navigation